![]() |
| ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قېلىش ئېلانى |
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتى خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو - تېلىۋېزىيە ئۇنۋىرىستىتىدا كىنو ئارتىسلىق، ناخشىچىلىق، ئوپراتۇرلۇق، ئۇسۇل كەسىپلىرىدىن تەربىيەلەش كۇرۇسى ئاچماقچى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو - تېلىۋېزىيە ئۇنۋىرىستىتى ئۈستىگە ئالىدۇ، تەربىيەلەش كۇرۇسىنىڭ ۋاختى بەش ئاي بۇلۇپ 4 خىل كەسىپ بۇيىچە قۇبۇل قىلىنىدۇ. قۇبۇل قىلىش ئۇبىكتى ۋېلايىتىمىز تەۋەسىدىكى ئالدىنقى يىللاردا تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە شۇ دەرىجىدىكى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياشلاردىن تاللاپ قۇبۇل قىلىنىدۇ،(باشقا ۋىلايەتلەردىنمۇ قۇبۇل قىلىنىدۇ) بۇ تەربىيەلەش كۇرۇسىدا ئۇقۇشنى ئىختىيار قىلغانلار ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە كۈپۈيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە، يىقىندا يالاڭباش چۈشكەن رەسىمىدىن تۆت پارچە، كىملىكنىڭ كۈپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە ئېلىپ كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرىشى لازىم قۇبۇل قىلىش شەرتلىرى تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى ھېمايە قىلىدىغان، قانۇنسىز دىننى ھەركەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ بايرىقى رۇشەن مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە مەركىزى كومىتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغانلار ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام، كەسپى ئەخلاقى دۇرۇس، بولغانلار قۇبۇل قىلىنىدۇ.قىزلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.65 سانتىمىتېردىن يۇقۇرى، ئۇغۇللارنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.70 سانتېمىتىردىن يۇقۇرى بۇلۇشى، چىراي تۇرۇقى قاملاشقان، شۇ كەسىپكە ماس كىلىدىغانلار تاللاپ قۇبۇل قىلىنىدۇ دەرىسلەرنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئاتاقلىق ئۇقۇتقۇچىللىرى ئۈتىدۇ ئۇقۇش پىلادىكى بەلگىلەنگەن دەرىسلەرنى تاماملىغاندىن كىيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتى ئېنتاھان ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرى ئىتىراپ قىلىنىدىغان شۇ كەسىپ بۇيىچە ئىشقا چىقىش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بىرىلىدۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مال باھا ئىدارىسى بىكىتكەن ئۆلچەم بۇيىچە ھەق ئېلىنىدۇ ئۇقۇش راسخوتى 1925يۈەن ئۇنىڭدىن سىرت ياتاق ئۇرۇنلاشتۇرلىدۇ، يوتقان - كۆرپە ، تاماق قاتارلىقلارغا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى :خوتەن رادىئو - تېلىۋېزىيە ئۇنۋىرىستىتى ۋە ھەر قايسى ناھىيە ، شەھەرلىك مەدىنىيەت ئېدارىللىرىدە بۇلىدۇ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاختى: 2008 -يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2008- يىلى 7 - ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بۇلىدۇ،7-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمى دەرىس باشلىنىدۇ ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى: خوتەن شەھەر 0903-2052255 خوتەن ناھىيەسى 0903-2031552 قارقاش ناھىيەسى 0903-6512413 گۇما ناھىيەسى 0903- 6423347 لوپ ناھىيەسى 0903- 6622434 چىرا ناھىيەسى 0903-6712602 كېرىيە ناھىيەسى 0903-6811223 نىيە ناھىيەسى 0903-6751995 خوتەن رادىئو - تېلىۋېزىيە ئۇنۋىرىستىتى 0903- 2514127 . 13070073038 |