Apqilam :: 新疆最大的维吾尔综合门户网站 :::www.Apqilam.com ::: Uyghur,Unvirsal,News,Mtv,mp3,games,Film,Video,Music,Culture,Cartoon,Sports,photo:..
:نۇمۇر :شىفىر :ئەزا
ئاياللار مەشھۇرلار تۇرمۇش تىبابەت تەنتەربىيە ئەدەبىيات جەمئىيەت مائارىپ  خەۋەرلەر ئۇچۇرلار باش بەت
تېلىۋىزىيە رەسساملىق شىركەت سۈرەتلىك ھېكايىلەر شىئېرلار مۇھەببەت ئۆرىپ -ئادەت مەدىنىيەت خەلىقئارا شىنجاڭ
ئۇلىنىشلار ئۇيۇنلار كارتونلار تېلفۇن مۇقاملار رەسىملەر ئېتوتلار چۈشۈرۈش قانۇن تارىخ كومپىيوتېر
ئاياللار پۇتبول شىنجاڭ دۆلەت :ھالقىلىق سۆزلەر
:تۇرى
: ئىزدەش
  سىزنىڭ ئورنىڭىز:مائارىپ ۋە مەدىنىيەت: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 7 – ئايدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 7 – ئايدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ
يوللىغۇچى:apqilam    يوللانغان ۋاقىت:2009-2-19    كۇرۇلگەن سانى:176

ئاپتونوم رايون يېقىندا بۇ يىل ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئومۇميۈزلۈك چېقىپ تاشلاش، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئۈزۈل – كېسىل ياخشىلاش ئۈچۈن، 660 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى. بۇ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 7 – ئايدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 663 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جايلاردىن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىپ تاشلاشتا پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹بىرىنچى قول›› رەھبىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى ھەم مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىلەن قەرز قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، تۈر قۇرۇلۇشى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگىلا ئىشلىتىلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلمەيدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. يەنە جايلاردىن ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، ‹‹پۇختا، ئەمەلىي، يېتەرلىك بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە قۇلايلىق بولۇش›› پرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنىدىغان مەكتەپ ياتاقلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ‹‹مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى›› ۋە قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى ئورۇن مەمۇرىي ئىجازەت تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ، جەمئىيەتكە بارلىق تۈر ئاشكارىلىنىدۇ ھەم قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا قۇرۇلۇش ئېلان تاختىسى تەسىس قىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپۈك قۇرۇلۇش قىلىشقا، قەرز ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتىدىن تۈرلەرنى قاراپ چىقىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، تۈر يولغا قويۇشتا ناھىيە، شەھەرلەر مەكتەپ قۇرۇلۇشى قىلىش سەۋەبىنى ئۆزى چۈشەندۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ – پىكىر بېرىش، ئىككى تەرەپ ئورتاق كېڭىشىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ شتاتى ھەم ۋىلايەت(ئوبلاست) دەسلەپتە قاراپ چىققان تۈر قۇرۇلۇشى پىلانى تەپسىلىي قاراپ چىقىلىدۇ.

ھازىر ئاپتونوم رايون تۈركۈم بويىچە يەر قۇرۇلۇشى پىلانىنى چۈشۈردى ھەم جايلاردىن مەبلەغ سېلىش پىلانى ۋە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلاش ۋاقتى، قۇرۇلۇشنى تاماملاش ۋاقتىنى بېكىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كونكرېت ئورۇن ۋە شەخسلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ 7 – ئايدىن ئىلگىرى تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قۇرۇلۇش ئۆز قەرەلىدە تاماملانمىسا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، شۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قۇيۇڭ !
خەۋەر مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى
[ قوش چەكسىڭىز ئىكران سۈرۈلىدۇ ]  [ دوستقا يوللاش ] [ ساقلاش ] [ بىسىپ چىقىرىش ]   [ تاقاش ] [ خەت : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك

ئالدىنقى : ساپا مائارىپى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى
كىيىنكى : 'ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى'
 كۆپ كۈرۈلگەن تېمىلار
 تۈركىيەدە ئوقۇش ئەڭ خاتا ..
ھىندىستانلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ..
نۇر بەكرى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ..
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تو ..
‹‹قوش تىل›› مائارىپىدا ئوقۇتقۇ ..
قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئ ..
قەشقەر شەھىرىدىكى 76 مىڭدىن كۆ ..
مەكتەپ پۈتكۈزگەن شۇنچە كۆپ ستۇ ..
دۆلەتنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن››خىزم ..
دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى ..
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3 مىليو ..
قوش تىللىق ئوقۇتۇش ۋە بىز ..
ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يې ..
باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئو ..
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تۆت تۈ ..
لاياقەتلىك سىنىپ مۇدىرى بولۇش ..
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت ..
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى ..
مائارىپ ساھەسىدە جازالاش ئۆلچى ..
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىلل ..
  دوستانە ئۇلىنىشلار
بىكەت قۇرغۇچى
ئالاقىلىشىڭ
ئېلان بىرىڭ
قوللىغۇچىلار
سەھىپىللىرىمىز
شان شەرەپلەر
ئەپچىلەم توغرىسىدا
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، ئەپچىلەم تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بىزنىڭ نىشانىمىز تورداشلارنىڭ مەنىۋي دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتىش !
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەپچىلەم تور تېخنىكا گۇرپىسىغا مەنسۇپ
新ICP备10000532号 ;   QQ:4067061 QQTOP:13513886 Tel:13999434011 13699304562
ICP Apqilam 110