Apqilam :: 新疆最大的维吾尔综合门户网站 :::www.Apqilam.com ::: Uyghur,Unvirsal,News,Mtv,mp3,games,Film,Video,Music,Culture,Cartoon,Sports,photo:..
:نۇمۇر :شىفىر :ئەزا
ئاياللار مەشھۇرلار تۇرمۇش تىبابەت تەنتەربىيە ئەدەبىيات جەمئىيەت مائارىپ  خەۋەرلەر ئۇچۇرلار باش بەت
تېلىۋىزىيە رەسساملىق شىركەت سۈرەتلىك ھېكايىلەر شىئېرلار مۇھەببەت ئۆرىپ -ئادەت مەدىنىيەت خەلىقئارا شىنجاڭ
ئۇلىنىشلار ئۇيۇنلار كارتونلار تېلفۇن مۇقاملار رەسىملەر ئېتوتلار چۈشۈرۈش قانۇن تارىخ كومپىيوتېر
ئاياللار پۇتبول شىنجاڭ دۆلەت :ھالقىلىق سۆزلەر
:تۇرى
: ئىزدەش
  سىزنىڭ ئورنىڭىز:مائارىپ ۋە مەدىنىيەت: ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى
ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى
يوللىغۇچى:Apqilam    يوللانغان ۋاقىت:2009-2-28    كۇرۇلگەن سانى:215

ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى دېگەنلىك، ماركسىزمنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئومۇمىي كۆز قارىشى ۋە نۇقتىئىنەزىرى. ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشىنىڭ مەزمونى مول بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمونى: مەدەنىيەت تارىخىيىىق ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە. ئىنسانلار تارىخىدىكى ھەربىر خىل ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي فورماتسىيە ئۆزىنىڭ تارىخىي پۈتۈنلۈك سۈپىتىدىكى مەدەنىيەت تىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەلگىلىك مەدەنىيەت بولسا، بەلگىلىك جەمئىيەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاڭ فورماتىسيىسىدىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت. مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشقا بولغان رولى پاسسىپ ياكى كىچىك بولمايد؛ مەدەنىيەت سىنىپىيلىققا ۋە ئاڭ فورماتسىيىسىگە ئىگە. ماركسىزمنىڭ قارىشىچە، ئاڭ فورماتسىيىسىدىكى مەدەنىيەت (تەبىئىي پەن، قىسمەن فىلولوگىيە پەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سەنئەت، ئەخلاق، سىياسىي، قانۇن، ئىدىيە، دىن، پەلسەپە ۋە كۆپ قىسىم ئىجتىمائىي پەن قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە بۇ بۆلەك ئاڭ فورماتسىيىسى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي بازىس ۋە سىياسىي قانۇن تۈزۈملىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بىۋاستە ئىنكاسى. ئۇ بەلگىلىك سىنىپىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەچەك، روسەن سىنىپىيلىققا ئىگە بولىدۇ. مەدەنىيەت مىللەت ۋە ئىنسانىيەت خاراكتېرگە ئىگە. مىللەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت مىللەت خاراكتېرىگە ئىگە بولغان. مىللەت شەكلىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، مىللىي ئەنئەنە شەكىللەنگەن. بىراق ئوخشاش تارىخىي مۇھىت ياكى ئوخشاش ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھالىتى قىلىپ ھەمدە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنىڭ تەرەققىياتى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئىگە قىلىپ، تەدرىجىي ئورتاق نەرسىلەر پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەتتە ئىنسانىي ئالاھادىلىك ئىپادىلەندۈرىدۇ. مەدەنىيەت ۋارىسچانلىققا ۋە ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى تارىخىي ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە. ئىجتىمائىي ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئۈزلۈكسىز بولۇشىنىڭ ئاساسى. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، مەدەنىيەت ھامان تارىخنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مەدەنىيەت ئۆز تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنى ئۆزگەرتىدۇ. مەدەنىي مىراسلار مەسىلىسىگە قارىتا، ماركسىزم كونىنى تىرىلدۈرۈش ۋە مەدەنىيەت مەۋھۇمچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىش، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلپ، يېڭىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە، ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىسى كۈنسايىن ئومۇملىشىشى ۋە كەك دائىرىدە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىمۇ كۈنسايىن بىر - بىرىگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ بىر خىل ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغان ئوبيېكتىپ جەريان. بۇ جەريانغا بولغان مۇئامىلىدە ماركسىزم بۇ جەرياننى تېزلىتىۋېتىشكە ھەم مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئۈچۈن تەنھا ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق بۇ جەريانغا توسالغۇ بولۇشقا قارشى تۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يېڭى مەدەنىيەتنى بەرپا قىلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆتمۈش زاماندىكى مەدەنىيەت بىلەن چەك - چېگرىنى ئېنىق ئايرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆتمۈش زاماندىكى بارلىق ئاكتىپ بولغان مەدەنىيەت مېۋىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا سوتسىيالىستىك يېڭى مەدەنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش لازىم. سوتسىيالىستىك يېڭى مەدەنىيەتنىڭ مەقسىتى يېڭى ئادەملەرنى يارىتىش. يېڭى ئادەملەرنى يارىتىش دېگەنلىك، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ مۇستەھكەم بولغان ئېتىقادىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجادىي خىزمەتلەردىكى يېتەكچى ئىدىيە قىلىش، ئۇلارنى كوممۇنىزملىق دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، يۈكسەك ئەخلاقىي - پەزىلەت ۋە مول روھىي دۇنياغا ئىگە قىلىش، پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزۈلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەۋلامۇ ئەۋلاد غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان بولغان سوتسىيالىزم پۇقرالىرىدىن قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت.'

تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قۇيۇڭ !
خەۋەر مەنبەسى : ئەپچىلەم تورى
[ قوش چەكسىڭىز ئىكران سۈرۈلىدۇ ]  [ دوستقا يوللاش ] [ ساقلاش ] [ بىسىپ چىقىرىش ]   [ تاقاش ] [ خەت : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك

ئالدىنقى : 'يېزا باشلانغۇچ مائارىپى'
كىيىنكى : ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى ھەققىدە
 كۆپ كۈرۈلگەن تېمىلار
 تۈركىيەدە ئوقۇش ئەڭ خاتا ..
ھىندىستانلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ..
نۇر بەكرى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ..
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تو ..
‹‹قوش تىل›› مائارىپىدا ئوقۇتقۇ ..
قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئ ..
قەشقەر شەھىرىدىكى 76 مىڭدىن كۆ ..
مەكتەپ پۈتكۈزگەن شۇنچە كۆپ ستۇ ..
دۆلەتنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن››خىزم ..
دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى ..
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3 مىليو ..
قوش تىللىق ئوقۇتۇش ۋە بىز ..
ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يې ..
باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئو ..
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تۆت تۈ ..
لاياقەتلىك سىنىپ مۇدىرى بولۇش ..
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت ..
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى ..
مائارىپ ساھەسىدە جازالاش ئۆلچى ..
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىلل ..
  دوستانە ئۇلىنىشلار
بىكەت قۇرغۇچى
ئالاقىلىشىڭ
ئېلان بىرىڭ
قوللىغۇچىلار
سەھىپىللىرىمىز
شان شەرەپلەر
ئەپچىلەم توغرىسىدا
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، ئەپچىلەم تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بىزنىڭ نىشانىمىز تورداشلارنىڭ مەنىۋي دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتىش !
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەپچىلەم تور تېخنىكا گۇرپىسىغا مەنسۇپ
新ICP备10000532号 ;   QQ:4067061 QQTOP:13513886 Tel:13999434011 13699304562
ICP Apqilam 110