شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا
تۇرسۇنگۈل مەھمۇد
2000 – يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدىم، ئائىلىمىزدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغانلىقتىن ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم. كېيىن ئۇ يەر – بۇ يەرلەردە ئامانلىق خادىمى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ، ئازدۇر – كۆپتۇر ئىقتىساد جۇغلىدىم. شۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىمنى قارا ئىش بىلەنلا ئۆتكۈزۈشنى خالىماي، بىرەر كەسىپ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، 2005 – يىلى قايتىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا فىلىم كىرىشتۈرۈش، ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، سۈرەتكە ئېلىش نەزەرىيىلىرى بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلاتنى پۇختا ئىگىلىدىم. شۇڭا مەكتەپ پۈتكۈزۈشىمگىلا شىنجاڭ ‹‹بەينيەن شۇرېن›› پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم. ھازىر بۇ يەردە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىغا ماس ئىشلىنىۋاتقان vdo دەرسلىكلىرىنى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش، يىراقتىن ئوقۇتۇش دەرسلىك سىستېمىلىرىنى لايىھىلەش، ئاۋاز ئېلىش، ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش، ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ئىشلەۋاتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپ، كىرىشتۈرۈۋاتىمەن، ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن. ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا تېخىمۇ نۇرغۇن تېخنىكا ئىگىلىدىم. يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ساھەدە ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، چوڭراق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىدۇ، دېدى ئەخمەتجان ئابلىمىت ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
مانا بۇ كەسىپ – تېخنىكا ئۆگىنىشتىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى.
بۇ، كەسپىي مائارىپنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئەخمەتجان ئابلىمىتقا ئوخشاش مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ كەسپىي مائارىپتىن مەنپەئەتلىنىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كۈچلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى.
كەسىپ – تېخنىكا مائارىپى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈلگەن مائارىپ بولۇپ، ئۇ مائارىپنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان، ئىستىقباللىق مائارىپ. كەسىپ – تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇشنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلار كەسىپلەر ئارىسىدىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇدى، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش جەريانىدا ئۇلار ھەقىقىي ئىقتىدارى ئارقىلىق تاللاندى. بۇنىڭغا ماس ھالدا كەسپىي مەكتەپلەر جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا جانلىق مەكتەپ باشقۇرۇپ، كەسىپ تۈرلىرىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن كۆپەيتتى ياكى يېڭىلىدى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كەسپىي مائارىپ مائارىپ سېپىدىكى ھەقىقىي ئىختىساسلىقلار بازىسىغا ئايلاندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇشنىڭ باشلامچىسى بولغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەي جيەننى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ‹‹ئۆگىنىشنى تېخنىكا ئىگىلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش››، ‹‹ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش››تەك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق. 2003 – يىلىلا شىنجاڭ ‹‹ئالتۇن كالا›› بىئو تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە باقمىچىلىق سىنىپى ئاچتۇق، سىنىپ نامى ‹‹ئالتۇن كالا باقمىچىلىق سىنىپى›› بولدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى كالا بېقىشتىن باشلاندى، ئۇلار كارخانا خادىمى سالاھىيىتى بىلەن ھەر قايسى ئىش ھالقىلىرىدا ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى، كارخانىلارنىڭ كۆلەملەشكەن باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلدى. مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىيەت ئىچىدە تەربىيىلىنىش ۋە چېنىقىش شارائىتى يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى خالىغان ئىش ئورنىدا تەمتىرىمەي ئىشلىشىگە ئاساس تىكلەپ بەردى.
مەن ئەي جيەندىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئۈچ يىل ئۇدا %98تىن يۇقىرى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپى توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش مەقسىتىدە باشقا كەسپىي مەكتەپلەرگىمۇ باردىم. شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش رايونىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقىنىمدا، بۇ مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى غوپۇر يۇنۇس مەكتەپنىڭ تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: 90 – يىللاردىن بۇيان، كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش، بازارلىق كەسىپلەرنى ئىچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولدى. مەن ئەسلىي شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئازدۇر – كۆپتۇر تۆھپە قوشۇش نىيىتىگە كېلىپ، 1995 – يىلى شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى قۇردۇم. مەكتەپ يېڭى قۇرۇلغان چاغدا 150 ئوقۇغۇچى بار ئىدى، سىنىپ، ياتاقلارنى ئىجارىگە ئالاتتۇق، ئون نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر مەكتىپىمىز تېببىي ئىلىمنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل كەسىپ بار مۇنتىزىم مەكتەپكە ئايلاندى. مەكتىپىمىزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3340 مودىن ئاشىدۇ. بەش قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى ساپالىق، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، 6000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار. ھازىر مەكتىپىمىز ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنى مۇستەقىل تارقىتالايدىغان ئادەتتىكى پۇقراۋى ئالىي كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى بولۇپ قالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن دوختۇرخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئىش ئورنىدا، ئەمەلىيەت جەريانىدا چېنىقتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىلا ئىش ئورنى تېپىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق. ھازىر مەكتىپىمىزنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.
شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2007 – يىللىق ئالىي سېسترالىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان قەدىرنىسا ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 348 نومۇر ئالغانىدىم، ئۆزۈم سېسترالىققا قىزىقىدىغان بولغاچقا، تۇنجى ئارزۇيۇمغىلا مۇشۇ مەكتەپنى يازدىم ۋە ئارزۇيۇم بويىچە قوبۇل قىلىندىم. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال، چۈنكى سېسترالىق ھازىرقى بازارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كەسىپتە ئوقۇغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى بولۇپ، بىزگە ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن باشقا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورلار ۋە باشقا مەكتەپلەردىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ دەرس بېرىدۇ، بۇ مەكتەپ بىزگە كەسىپ ئىگىلەشنىڭ ھەقىقىي ياخشى مۇھىتىنى يارىتىپ بەردى. شۇڭا كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگەنسەكلا، خىزمەت تېپىشتىن ئەندىشە قىلمايمىز.
زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىگە يۈزلەنگەن ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1985 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە خېلى بالدۇر قۇرۇلغان كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى. 2007 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بويىچە، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سابىق ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ قۇرۇلغانىدى. ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ 14 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى، 800گە يېقىن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىسى، مەكتەپ ئىچىدە 58 ئەمەلىي پراكتىكا سىنىپى، مەكتەپ سىرتىدا 52 پراكتىكا بازىسى بار؛ 66 خىل كەسىپ تەسىس قىلغان بۇ مەكتەپ ھازىر مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، ئوقۇتۇش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ئەندىزىسى ۋە ‹‹قوش دىپلوم›› تۈزۈمىنى ئاكتىپ يولغا قويۇپ، جەمئىيەتكە زور بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىسىنى تەربىيىلەپ بېرىۋاتىدۇ.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 31 يىلدىن بۇيان، كەسپىي مائارىپ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى قەدەممۇقەدەم ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2006 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن ئاشۇرۇلغان مائارىپ خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى قارار قىلدى؛ 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپ مەخسۇس تۈر خىراجىتى تەسىس قىلىپ، كەسپىي مائارىپ ئۈچۈن 90 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى 6542 غوللۇق ئوقۇتقۇچىنى مەخسۇس تەربىيىلىدى؛ 2008 – يىلى ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن يۇقىرى چىقتى. 2008 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ (ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 245 مىڭغا يېتىپ، 2002 – يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 110 مىڭ ئادەم ئېشىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %37.56ىنى ئىگىلىدى. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 78 مىڭغا يېتىپ، ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %33.8ىنى ئىگىلىدى.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى، قاراماي كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى، سانجى كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسپىي ئالىي مەكتەپ ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئەمەلىي مەشىق بازىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.