Apqilam :: 新疆最大的维吾尔综合门户网站 :::www.Apqilam.com ::: Uyghur,Unvirsal,News,Mtv,mp3,games,Film,Video,Music,Culture,Cartoon,Sports,photo:..
:نۇمۇر :شىفىر :ئەزا
ئاياللار مەشھۇرلار تۇرمۇش تىبابەت تەنتەربىيە ئەدەبىيات جەمئىيەت مائارىپ  خەۋەرلەر ئۇچۇرلار باش بەت
تېلىۋىزىيە رەسساملىق شىركەت سۈرەتلىك ھېكايىلەر شىئېرلار مۇھەببەت ئۆرىپ -ئادەت مەدىنىيەت خەلىقئارا شىنجاڭ
ئۇلىنىشلار ئۇيۇنلار كارتونلار تېلفۇن مۇقاملار رەسىملەر ئېتوتلار چۈشۈرۈش قانۇن تارىخ كومپىيوتېر
ئاياللار پۇتبول شىنجاڭ دۆلەت :ھالقىلىق سۆزلەر
:تۇرى
: ئىزدەش
  سىزنىڭ ئورنىڭىز:مەشھۇر شەخىسلەر: ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس - مەھمۇد قەشقەرى
ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس - مەھمۇد قەشقەرى
يوللىغۇچى:    يوللانغان ۋاقىت:2009-1-3    كۇرۇلگەن سانى:938

ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1020_يىلى بىلەن 1030_يىلى ئارىلىقىدا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئەينى دەۋردىكى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولۇپ،بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخان ئورۇنباسار خاقان بولغان،ئاتىسى ھۈسەيىن ئىلىك خان ھازىرىقى قىزغىزسىتاندىكى ئىسسىقكۆل بويىغا جايلاشقان بارىسغان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغانىدى.ئانىسى بۇبى رابىيە گەرچە ئاددىي باغۋەننىڭ قىزى بولسىمۇ،ياخشى تەربىيلەنگەن،كۆپ ئوقۇغان ئەقىللىق،ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەھمۇد كىچىكىدىنلا بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ ئالدىدا تەربىيلىنىپ ئۆسكەنىدى.بۇغراخان بۇ نەۋىرسىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.شۇڭا،ھەتتا تەتىل چاغلىرىدىمۇ مەھمۇدنى ئۆز ئاتا_ئانىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن بارىسىغان شەھىرىگە ئەۋەتىشكە كۆزى قىيمايتتى.<<مەھمۇدنى كۆرگۈسى كەلسە،ئۇلار ئۆزلىرى ئوپالغا كېلىشسۇن.مەھمۇد خانلىق مەدىرسىدە يىتىپ ئوقۇۋاتقاچقا،مەنمۇ ئۇنى تۈزۈكرەك يىنىمدا تۇرۇغۇزالمايۋاتىمەن>>دەيىتتى بۇغراخان. بارلىق مەدىرىسلەردە ئورما ۋاقتىدىن باشلاپ،كۈزلۈك يىغىم ئاياغلاشقىچە تالىپلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلەتتى.ھازىر تازا شاپتۇل پىشقان مەزگىل بولۇپ،مەدىرىسلەردە تېخى ئوقۇش باشلانمىغانىدى.مەھمۇد ئوپال قاپۇغىدا تۇرۇۋاتاتتى.ھالبۇكى،بۇغراخان تولا ۋاقىتلاردا ئۇنى ئۆز يىنىدا تۇتۇپ قالالمايتتى.مەھمۇد ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەتىگەندە بىر نەچچە كىتابنى كۆك شايى رومالغا يۆگەپ،خاس قۇلى تۇرۇمتاينى ئەگەشتۈرۈپ،قاپۇغىدىن چىقىپ كېتەتتى.بۇغراخان ئۇنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلەتتى.،ئەلۋەتتە.ساچىيە مەدرىسنىڭ باش مۇدەررىسى ھۈسەيىن ئىبىن خەلىپىنىڭ ئوپالدا،يەنى بۇغراخان قاپۇغىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كەنىتتە بىر چوڭ مېۋىلىك بېغى بار بولۇپ،ئۇ ھەر يازدا تەتىل كۈنلىرىنى ئۆز ئائىلىسى بىلەن شۇ باغدا ئۆتكۈزەتتى.بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى مەھمۇد ئەنە شۇ مۆھتەرەم ئۇستازىنىڭ ئۆيىگە كۈندە بىر بېرىپ كەلمىسە كۆڭلى تىنمايتتى.بۇغراخاننىڭ بايا قۇل يىگىتنى كۆرۈپ،<<مۇدەررىسنىڭ ئۆيىگە بارمىدىڭلارمۇ>>دەپ سورىشى ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئىدى. _مەھمۇد ھازىر قەيەردە؟ _دەپ سورىدى بۇغراخان قۇل يىگىتتىن. _ئۆزىنىڭ ھۇجىرسىدا،چاقىرىپ قويايمۇ؟ _ياق،ئۆزۈم باراي،_دېدى بۇغراخان ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. مەھمۇد ئۆز ھۇجىرسىدا،پۈتۈن خانىغا بىر كەلتۈرۈپ سېلىنىغان ئۇدۇن نۇسخىسىدىكى رەڭدار گىلەم ئۈستىدە چازانى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ،ئالدىدىكى نەقىشلىك شىرەگە قويۇلغان سېرىق خۇرۇم مۇقاۋىل ىق قېلىن كىتابنى ئوقۇۋاتاتتى.ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامنى ياقىلاپ قويۇلغان ئىككى جاۋەنگە ۋە مەھمۇدنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تامنىڭ تەكچىلىرىگە ھەر خىل چوڭلۇقتىكى كىتابلار،كانايچە قىلىپ يۆگەلگەن قول يازمىلار ۋە ئۇدۇننىڭ دەستە_دەستە سۈپەتلىك سېرىق قەغەزلىرى تىزىۋېتىلگەنىدى .مەھمۇد كىتابقا پۈتۈن زېھىنى بىلەن بېرىلىپ كەتكەچكە بوۋىسىنىڭ كىرگەنلىكىنى ۋە ئىشىك ئالدىدا توختاپ،ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى سەزمەي قالدى.مۇھەممەد بۇغراخان ئاق شايى كۆڭلەك ئۈستىدىن يىشىل مەخمەل پەرەنجە كىيگەن بۇ تاقىر باش ياش تالىپقا ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇۋەرمەستىن،خانا ئىچىگە قەدەم تاشلىدى.مەھمۇد شۇندىلا كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بوۋىسىنى كۆردى.ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ،،بۇغراخاننىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە سول پۇتىغا تىزلاندى_دە،ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ،بېشىنى ئەگدى. _قۇت بولسۇن،خان بوۋا! _قۇت بولسۇن،بالام ئولتۇرغىن. مۇھەممەد بۇغراخان ئالدى بىلەن شىرەنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى.ئاندىن مەھمۇدمۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى جايىغا يۈكۈندى. " _قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتىسەن؟_دەپ سورىدى بۇغراخان. _ئەبۇ سەئىد ئابدۇلرەھمان بىننى مۇھەممەد ئەل ئىدرىسى يازغان <<سەمەرقەند تارىخى>>،_دەپ جاۋاپ بەردى.مەھمۇد ۋە ئارقىدىنلا يەنە قوشۇپ قويدى،_سىز بەرگەن <<ئالتۇن يايلاق>>دېگەن كىتابنى تۈنۈگۈن ئوقۇپ بولغانىدىم.بۈگۈن بۇ كىتابنى باشلىدىم. _مۇدەررىس ھۈسەيىن ئىبىنى خەلەپنىڭ ئېيتىشىچە،_دېدى بۇغراخان ،_سىلەر ھازىر<<زامان گۆھەرلىرى>>دېگەن ئەرەپچە شىئىرلار توپلىمنى ئوقۇۋېتىپسىلەرغۇ.مەنغۇ ئەرەپ تىلىغا ئانچە پىششىق ئەمەس.ئىشقىلىپ،بۇ توپلامدىكى شىئىرلارنى ئۆگىنىش تالىپلار ئۈچۈن خېلى قىيىنغا توختايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ھازىر سىىلەرگە ئۆتۈلۈۋاتقان رىيازىيات ۋە فەلەكىيات بىلىملىرىمۇ ئاسان ئەمەس.مەدرىسنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغىنىڭىدا باشقا كىتابلارنى ئوقۇيمەن دەپ دەرسلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىغىن يەنە. _راستىمنى ئېيتسام،_دېدى مەھمۇد باشقىچە ھاياجانلانغان ئاۋازدا_<<زامان گۆھەرلىرى>>مەدرىستە ئوقۇلۇپ بولغۇچە ئۆزۈم ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇم.ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇنچە شىئىرلارنى يادلىۋالدىم.! مۇھەممەد بۇغراخان رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى.مەھمۇد ھەر دائىم كىتاب ۋە ئىلىم_پەن توغىرسىدا سۆز ئېچلىغاندا مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھەۋەسلىنىپ سۆزلەپ كېتەتتى.مانا ھازىرمۇ سۆھبەتنىڭ مۇشۇ ماۋزۇدا داۋاملىشىشىغا تەقەززا بولغانلىقتىن چوڭ_چوڭ قوي كۆزلىرى ئۆزگىچە نۇرلىنىپ،چاقناپ تۇراتتى.ئەپسۇسكى ،بوۋىسى گەپنى باشقا تەرەپكە بۇرىدى. _بارسىغاندىن چاپارمەن كەلدى،_دېدى ئۇ _ئاتاڭ يولغا چىقىپتۇ.تەڭرى بۇيرۇسا،ئىككى_ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە قەشقەرگەيىتىپ كېلىدۇ.ئۇ كەلگەندىن كېيىن مەن كېتمەن.بۈگۈن ئۇستازىڭنىڭ سېنى قايتۇرۋەتكىنى ياخشى بوپتۇ.ساڭا دەيدىغان گېپىم بارئىدى بالام. مەھمۇد سوئال نەزىرى بىلەن بوۋىسىغا قارىدى.مۇھەممەد بۇغراخان ئىللىق مېھىرى سىڭگەن كۆزلىرى بىلەن نەۋرسىگە قارىدى ۋە قولىنى سۇنۇپ ئۇنى ئۆزىگە يىقىنراق تارتىپ ئولتۇرغۇزدى.ئاندىن يەنە شۇ قولى بىلەن ئۇنىڭ باش_كۆزلىرىنى سىلاپ،يەلكىسىگە ئاستا شاپىلاقلاپ قويدى. _چوڭ بولۇپ قالدىڭ،بالام،_دېدى بۇغراخان ئۇنىڭغا قاراپ مەستلىكى كەلگەنلىكتىن كۈلۈمسىرەپ،_تەڭرى بۇيرۇسا،كېلەر يىلى مەدرىسنى تاماملايسەن. ئۇ يەنە مەسمۇدنىڭ يەلكىسىگە مېھىرى بىلەن شاپىلاقلاپ قويدى.مەھمۇد كۆزلىرىنى چوڭ_چوڭ ئېچىپ بوۋىسىنىڭ ئادەتتىكىدىن باشقىچە مۇلايىملىشىپ كەتكەن چىرايىغا سەل ئەجەبلىنىپ سەپسالدى.بوۋسى بولسا،يەنىمۇ مۇلايىملاشقان ئاۋازدا سورىدى: _مەدرىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن قەيەردە تۇرۇشنى ئويلاۋاتىسەن؟ مەھمۇد بۇ سوئالدىن تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلىپ ،جاۋاپ بېرشتە دۇدۇقلاپ قالدى. _ھە...قايەردە تۇرساممۇ ئوخشاش ...ھە،قەشقەردە تۇرساممۇ ...ياكى سىزنىڭ يىنىڭىزغا بېرىپ تۇرساممۇ بولىدۇ. _مەن سېنى ئەكېتىمەن،مەھمۇد،_دېدى بۇغراخان يەنىلا كۈلۈمسىرەپ ،_سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشۇڭ كېرەك.بىز گاھى تالاستا،گاھى ئىسپىجاپتا تۇرىمىز.مەن سېنى ئۆز قولۇمدا تەربىيلەپ،ئوردا ئىشلىرىغا ئۆگىتىمەن.مەدرىستە ياخشى ئوقۇۋاتىسەن.توقۇغان نەزمىلىرىڭىنى،تىل ئىلىمىدىن يازغان رىسالىلىرىڭىنى كۆردۈم.بۇلارغا مۇدەررىسلىرىڭ يۇقىرى باھا بېرىشتى...ناھايىتى بالدۇرلا،كىچىك تۇرۇپلا قولۇڭغا قەلەم ئالدىڭ.ئەقىللىق ،ئىقتىدارلىق بالا بولدۇڭ،مەھمۇد.مەن سېنى كاتتا دۆلەت ئەربابى قىلىپ تەربىيلەيمەن.سەن مېنىڭ سارىيىمدا تۆكسۈنمۇ،يابغۇمۇ،ھاجىپمۇ،ئىشقىلىپ بىر ۋەزىر بولۇپ خىزمەت قىلىسەن.مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن مېنىڭ ئورنۇمغا بۇغراخان بولۇپ تالاس بىلەن ئىسپىجاپنىڭ ھۆكۈمدارى بولىسەن. , مەھمۇد گەپ قىلمىدى.بۇغراخان ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم شۈك بولغاندىن كېيىن سورىدى: _ھە،قانداق؟گەپ قىلمايسەنغۇ؟مەدرىسنى تاماملىغاندىن كېيىن مېنىڭ يىنىمدا تۇرامسەن؟ مەھمۇد بوۋىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. _سىزنىڭ يىنىڭىزدا تۇرسام خۇش بولىمەن،بوۋا،لېكىن... _ھە،نېمە<<لېكىن>>؟ئوغۇل بالىدەك دادىل سۆزلىمەمسەن. _لېكىن مەن ۋەزىر بولۇشنى خالىمايمەن. _ھە ،ئەمىسە قانداق ئىشنى ياقتۇرىسەن؟دىۋانبېگى بولۇپ،مەھكىمە ئىشلىرىنى باشقۇرامسەن؟ياكى تابغۇچى بولۇپ،ئورادا خەزىنىسىگە مەسئۇل بولامسەن؟ھە،قېنى ئۆزۈڭ تاللا،ئىختىيار ئۆزۈڭدە.ياكى يالىۋاچ بولۇپ،چەت ئەللەرگە چىقىشنى ئويلامسەن؟ مەھمۇد يەنە كۈلۈمسىرەپ قوديى. _ياق،بوۋا،_دېدى ئۇ مەن مۇدەررىس بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. _نېمە؟_مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ قويۇق قاشلىرى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ ،كۆزلىرى چەكچىيىپ قالدى،_نېمە دېدىڭ؟مۇدەررىس؟قەيەردە مۇدەررىسلىك قىلماقچىسەن؟ _قەيەردە بولسىمۇ ئوخشاش.ناۋادا قەشقەردە قالغۇدەك بولسام ساچىيە مەدرسىدە،سىزنىڭ يىنىڭىزدا تۇرسام،تالاس ياكى ئىسپىجاپتىكى بىرەر مەدرسىدە تالىپلارنى تەربىيلەش ھەم ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسام دەيمەن. بۇغراخان مەھمۇدنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۈنلۈك كۈلۈپ كەتتى. _ھەي موللىچاق،_دېدى ئۇ چاقچاق تەلەپپۇزى بىلەن ۋە نەۋرسىنىڭ دۈمبىسىگە ئالقىنى بىلەن ئىككى_ئۈچنى ئۇرۇپ قويدى،_راسا بىر كىتابباز بولۇپ چىقىپسەن_دە،بولدى قوي بۇ گېپىڭنى. بۇغراخان يەنە بىردەم كۈلدى.ئۇ خۇددى گۆدەك بالىنى ئەركىلەتكەندەك نەۋرسىنىڭ تاقىر بېشىنى سىلايىتتى،يەلكىسگە،دۈمبىسىگە شاپىلاقلايىتتى. _بولدى،بۇ گەپنى ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى،_دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن قوزغالدى،_يۈر ،دالاغا چىقىپ راسا بىر ئات چاپتۇرۇپ ئوينايلى. _ئات چاپتۇرۇپ؟_مەھمۇد چۈشەنمىگەندەك قىلىپ،يىنىشلاپ سورىدى. _شۇنداق ،_دېدى بۇغراخان ۋە ئورنىدىن تۇردى.مەھمۇد ئەپچىلىك بىلەن سەكرەپ تۇرۇپ بوۋسىغا تىكىلدى،بۇغراخان مېڭىشقا تەمشەلدىيۇ،يەنە توختاپ نەۋرسىگە قارىدى._قېنى ئېيتقىنا،مەھمۇد،_دەپ سورىدى ئۇ ،_خاقانىيە مەدرسلىرىدىكى تالىىپلار ئۈچۈن دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەردىن تاشقىرى يەنە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ماھارەتلەر قايسىلار؟ مەھمۇد جاۋاپ بەردى: _قىلىچۋازلىق،نەيزىۋازلىق،چەۋەندازلىق،ئوقيا ئېتىش،چېلىشىش،چەۋگەن ۋە شاھمات ئويناش،ساز چېلىش._توغرا ،_دېدى بۇغراخان ،_قەشقەردىن كېتىش ئالدىدا سېنىڭ ئات ئۈستى ماھارىتىڭىنى يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆرەي.نۆكەرلەرنى باشلاپ چىقىپ چەۋگەن ئوينايلى. ئۇ بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن چاقچاق ئارىلاش ئاھاڭدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدى: _سەن كىتابنى كۆپ ئوقۇدۇڭ.فەلەكىياتتىن تارتىپ تىبابەتچىلىككە،رىيازىيات ۋە ئەدەبىياتتىن تارتىپ تارىخ ۋە پەلسەپىگىچە بولغان ھېكىمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە پىشىپ چىقتىڭ.ئەمدى ئات ئۈستىدە كۆرسىتىدىغان كارامىتىڭمۇ بارمۇ_ھە!گەپ قىلە!مەھمۇدنىڭ چوڭ_چوڭ قوي كۆزلىرى شوخ چاقناپ كەتتى ۋە ئۇ خۇددى بوۋىسىغا ئوخشاش چاقچاق ئارىلاش ئاھاڭدا سۆز ياندۇردى: _ئات ئۈستىدە كۆرسىتىدىغان كارامىتىم بولمىسا بۈيۈك خاقانىيىدە قانداق ياشايمەن؟خاقانىيە ئوغۇللىرى ئات ئۈستىدە تۇغۇلۇپ ،ئات ئۈستىدە ئۆلىدۇ! _يارايسەن،مەھمۇد!مۇھەممەد بۇغراخان شادلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ،نەۋرسىنىڭ بىلىكىنى چىڭ قىسىپ تۇتۇپ سىلىكىپ قويدى،_قېنى،يۈر ئەمىسە،كارامىتىڭنى كۆرسەت! مەھمۇد بوۋىسىغا قاراپ ھەم خوشال بولدى،ھەم ئەجەبلەندى.چۈنكى،بۇغراخاننىڭ مىجەزى چۇس،ئۆزى ھەممە ئىشتا تەلەپچان،چىرايى سۈرلۈك بولۇپ،ئۇنىڭ بۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈشىنى ناھايتتى كەم كۆرگىلى بولاتتى. مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ بۇيرۇقى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن قىرىق نۆكەر خۇددى جىددىي جەڭگە ئاتلىنىدىغاندەك چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كېلىشتى ۋە قاپۇغىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئاق ئاتلىقلار ۋە قارا ئاتلىقلار بويىچە ئىككى تۈركۈمگە ئايرىلىپ،جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇشتى. _بۇ ئاتنى ساڭا سوۋغا قىلاي،_دېدى بۇغراخان ۋە يۇلتۇز شەكىلدىكى ئاق قاشقىلىق چىرايلىق قارا ئارغىماقنىڭ چۇلۋۇرىنى مەھمۇدنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى،_بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئاتنى مىنىپ ،بوۋاڭنى ئەسلەپ تۇرغىن. شۇ گەپتىن كېيىن ئۇ گەۋدىلىك بوز ئاتقا مىنىپ سەپ ئالدىغا كەلدى ۋە نۆكەرلەرنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈردى.نۆكەرلەرنىڭ ھەممىسى تەلەپكە لايىق ئىدى،ئۇچىسىغا كەشتىلەنگەن ئاق كۆڭلەك ۋە ئاق شىم كېيىپ،بېلىنى كۈمۈش بېزەكلىك كەمەر بىلەن چىڭ باغلىغان:ھەممىسىنىڭ باشلىرىدا ئوخشاشلا قارا قوزا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن ئۆرە قالپاق،پۇتلىرىدا سېرىق ئوغۇق،يانلىرىدا قىلىچ،قوللىرىدا ئۇچى ئەگرى چەۋگەن تاياقلىرىنى تۇتقانىدى. بۇغراخان نۆكەرلەرنىڭ تەييارلىقىدىن قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئېتىنى دېۋىتىپ،قاپۇغ دەرۋازىسىدىن سىرتقا چىقتى.بۇ يەردە ئۈچ يۈز كىشلىك چارلىغۇچى ۋە بەش يۈز قورۇقچى ئايرىم_ئايرىم سەپ تارتىپ،بۇغراخاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى.ئۇلار ناۋات رەڭ يىپەك سەللە ئوراپ،چاڭئەننىڭ سېرىق تەڭگىلىك قىزىل تاۋىرىدىن تون كېيگەن چار ساقال،سۈرلۈك بۇغراخاننى كۆرگەندىن كېيىن پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،بۇيرۇق كۈتۈپ ئۇنىڭغا كۆز تىكىشتى.بۇغراخان يەنە ئېتىنى توختاتتى_دە،قاسراقسىمان تۆمۈر ساۋۇت ۋە يالتىراق مىس دۇبۇلغا كىيىپ،قىلىچ،نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان بۇ ئەزىمەتلەرنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئوڭ قولىنى كەسكىنلىك بىلەن شىلتىپ،يۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئەڭ ئالدى بىلەن چارلىغۇچىلار چۆل تەرەپكە قاراپ،ئاتلىرىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ كېتىشتى.ئاندىن بۇغراخان بىلەن قورۇقچىلار ئۇلارنىڭ كەيىنىدىن ئات سالدى.ئەڭ ئاخىرىدا چەۋگەن ئويناشقا تەييارلانغان نۆكەرلەر قاپۇغىدىن چىقىپ ئۇلارغا ئەگەشتى.شامالدەك چاپقۇر قارا ئارغىماق مىنگەن ۋە خۇددى ئۆگەنچى نۆكەرلەرگە ئوخشاشلا قارا قوزا كۆرپىسىدىن ئۆرە قالپاق كېيگەن مەھمۇد بوۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي كېلۋاتاتتى.قارا ئارغىماق مىنگەن ئۇنىڭ خاس قۇلى تۇرۇمتايمۇ ئىككى دانە چەۋگەن تايىقىنىڭ (ئۆزىنىڭ ۋە مەھمۇدىنىڭ)تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار قاپۇغ تەۋەسىدىن چىقىپ،يىزا يولىغا چۈشتى ۋە ئاتلىرىنى چاپتۇرغان پېتىچە يول بويىدىكى توخۇ،غازلارنى ،سالپاڭ قۇلاق ئېتلارنى ئۈركۈتۈپ،لاي سۇۋاقلىق پاكار_پاكار قارا ئۆيلەرنىڭ ،شاخ_شۇمبىلار بىلەن قاشالانغان مېۋىلىك باغلارنى ئالدىدىن ھەش_پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىشتى_دە،ئۇپۇققا تاقاشقان پايانسىز دالاغا يۈزلەندى.يىزا باغلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلەر ئارقىدا قالدى.ئاتلىقلار چۆلگە ئىچكىرلەپ كىرگەنسېرى ئېشەك مىنگەن دېھقانلار،كۆتەك ھارۋىلىرىغا توغراق باسقان ئوتۇنچىلار ئۇچىرىمايدىغان بولدى. ئاتلىقلار داستىخاندەك كەڭ يېيىلغان چۆلنى كېزىپ،مەخسۇس چەۋگەن ئويۇنى ئۈچۈن تەييارلانغان جايغا يىتىپ كېلىشىتى.بۇ ئۇزۇنلۇقى مىڭ چامدامچە،كەڭلىكى بەش_ئالتە يۈز چامدامچە كېلىدىغان تۈزلەپ ياسالغان مەيدان بولۇپ،چۆرىسىگە قىل ئارقان تارتىلغانىدى.مەيداننىڭ ئىككى بېشىدا چەۋگەن توپى كىرگۈزۈلىدىغان <<دەرۋازا>>بار ئىدى.بۇ ئاتالمىش <<دەرۋازا>>نىڭ ئارىلىقى بىر غۇلاچ چىقىرىلىدىغان بولۇپ،رەڭلىك خىشلار بىلەن گۈل چىقىرىپ قوپۇرۇلغان،ئادەم بويى ئىگىزلىكتىكى كىچىك مۇنارلاردىن ئىبارەت ئىدى. > ئەگرى تاياق تۇتقان چەۋگەنلەر ئاق ئاتلىقلار ۋە قارا ئاتلىقلار بويىچە بەشتىن_بەشتىن ئىككى تۈركۈمگە ئايرىلىپ،مەيداننىڭ ئىككى بېشىغا تىزىلىشتى.ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغان ئاناردەك چوڭلۇقتىكى يۇمىلاق توپ مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇلدى.مۇھەممەد بۇغراخان ئاق ئاتلىقلارغا مەھمۇد قارا ئاتلىقلارغا باش بولدى. مەيداننىڭ چېتىدە تۇرغان بايراقچى قىزىل تۇغنى ئىككى قوللاپ بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئېگىز كۆتۈرۈش بىلەن ئويۇننى باشلاشقا بەلگە بەردى.مەيداننىڭ ئىككى بېشىدىكى چەۋگەنلەر بىراقلا ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ،ئوتتۇرىدىكى توپقا قاراپ ئېتىلىشتى.ھەممىدىن بۇرۇن ئاق ئاتلىق بۇغراخان بىلەن قارا ئاتلىق مەھمۇد بىر ۋاقىتتا دېگۈدەكلا توپ تۇرغان يەرگە كېلىشتى.بۇغراخان ئەگرى تايىقىنى كۆتۈرۈپ،توپنى ئەمدى ئۇراي دەپ تۇرغۇچە قۇيۇندەك ئۇچۇپ كەلگەن مەھمۇد ئېگەر ئۈستىدىن ئەپچىلىك بىلەن ئېگىلىپ توپنى ئەگرى تاياق بىلەن يىنىك_يىنىك ئۇرۇپ ئېلىپ قاچتى.قايسى تەرەپ توپنى قارشى تەرەپنىك دەرۋازىسىغا كىرگۈزەتسە،يەنى ھېلىقى ئىككى مۇنارنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتكۈزۋەتسە شۇ تەرەپ ئۇتقان بولاتتى.مەھمۇد يىتىشىپ كەلگەن ئاق ئاتلىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: . vYGJ8(P _تۇرۇمتاي!_دەپ ۋاقىرىدى_دە،توپنى ئەگرى تاياق بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ،نېرىدا چېپىپ كېلىۋاتقان خاس قۇلىغا يەتكۈزۈپ بەردى،ئۇنىڭغىچە قارشى تەرەپنىڭ ئاتلىقلىرى ئېتىلىپ كېلىپ توپنى تالاشقىلى تۇردى.ئاق ئاتلىقلار بىلەن قارا ئاتلىقلار مەيدانغا تارقىلىپ ئارىلىشپ كەتتى.ھەر ئىككى تەرەپ توپنى قارشى تەرەپنىڭ دەرۋازىسىغا كىرگۈزۋېتىشكە تىرىشاتتى.توپ بىردەم ئاق ئاتلىقلار تەرەپكە ئۆتۈپ تۇراتتى.چەۋگەنچىلەر ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېلىپ،ئەگرى تاياقلار بىلەن توپنى ئۇرۇپ،ئۆز ئادەملىرىگە پاس چىقىرىپ بېرەتتى.بەزەنلەرنىڭ تاياقلىرى توپقا تەگمەي ،ئۇلارنىڭ گەۋدىسگە تېگىپ كېتەتتى ياكى باشقىلارنىڭ تاياقلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتەتتى.بەزىلەر قىزىپ كەتكەن ئاتلىرىنى توختىتىۋالالماي،باشقا ئاتلارغا سوقۇلۇپ كېتەتتى.ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى،تۇياقلارنىڭ دۈپۈرلەشلىرى،چەۋەندەزلارنىڭ قىقاس_چۇقانلىرى...ئەگرى تاياقلار بىلەن ئۇرۇلغان توپ ھېلى ئۇياققا،ھېلى بۇياققا قاڭقىپ ئۆتۈپ تۇراتتى.ئاق ئاتلار ۋە قارا ئاتلار گاھ توپنىڭ كەيىنىدىن چېپىشاتتى،گاھ پۈتۈن بىر مەيدانغا يىيىلىپ،چېچىلىپ كېتەتتى،گاھ بىر_بىرىنى قوغلىشىپ كېلىپ بىر يەرگە غۇژمەك بولۇپ تىقىلىپ قېلىشاتتى... ئاخىرى،بىر مەيدان كەسكىن ئېلىشىشىتىن كېيىن قارا ئاتلىقلار يىڭىپ چىقتى.چەۋگەنچىلەر مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىشتى.مەھمۇد ئېتىنىڭ تىزگىنىدىن يىتىلەپ،بوۋىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.مۇھەممەد بۇغراخان جىددىيلىشىپ تۇرغان ۋە ساقالسىز يۇمران مەڭزىلىرى قىزىرىپ كەتكەن مەھمۇدقا قاراپ قويۇپ: _توختاپ تۇر!ئالدىراپ تەنتەنە قىلما،يەنە بىر مەيدان ئېلىشىمىز تېخى،_دېدى. بۇغراخان بۇ گەپلەرنى قىلغاندا گەرچە ھەر دائىمقىدەك قاشلىرىنى يىمىرىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئاھاڭىدىن نەۋرسىگە قارىتا قايىل بولغانلىق ۋە سۆيۈنۈش ئالامەتلىرى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. چەۋگەنچىلەر ھاردۇقىنى چىقىرىپ،ئاتلىرىنىڭ تەرىنى قۇرۇتۇۋالغاندىن كېيىن يەنە مەيدانغا چۈشتى.بۇ قېتىم ئۇزاق ۋە قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن قارا ئاتلىقلار ئۇتۇپ چىقتى. _تەڭلىشىپ قالدۇق،يەنە بىر مەيدان ئوينايمىز ،_دېدى مەھمۇت مەيداننىڭ سىرتىغا چىققاندىن كېيىن. _بولدى ئەمدى،_دېدى بۇغراخان چارچىدىم قېرىپتىمەن. بۇغراخان شۇنداق دېدى_دە،نېمە ئۈچۈندۇر ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇ نەۋرىسى مەھمۇددەك قىران چاغلىرى ئېسىگە كېلىپ قالدى.ئۇ چاغدا مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ مەرھۇم ئاتىسى يۈسۈپ قادىرخان تېخى تەخىتكە ۋارىسلىق قىلمغانىدى.شۇڭا،ئۇ <<قادىرخان>>ئەمەس،بەلكى<<يۈسۈپ تېگىن>>دەپ ئاتىلاتتى.شۇنداق قىلىپ،يۈسۈپ تېگىن بىر قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىش ھەربىي مەشقى ئېلىپ بېرىپ ئوپالغا كەلگەندە،بۇ مەشىققە قاتناشقان ئوغۇللىرى سۇلايمان بىلەن مۇھەممەدنى دەل مۇشۇ چەۋگەن مەيدانىغا باشلاپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى بۇ يەردە چەۋگەن ئويۇنى ئەجەپمۇ قىزىپ كەتكەنىدى.يۈسۈپ تېگىن گويا قايتىدىن ياشىرىپ قالغاندەك شۇنچە قىزغىن ئىشتىياق ۋە ھەۋەس بىلەن ئات چاپتۇرۇپ،بارچە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىرايتتى:<<سۇلايمان،توپنى بۇياققا ئۇر،بۇياققا!>>ئارقىدىنلا يەنە مۇھەممەدنى ئالدىرتاتتى:<<مۇھەممەد،ئېتىڭنى تېز چاپتۇر~!توپنى ئۇنىڭدىن تارتىۋال!>>ئاكا_ئۇكىلارمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويۇنغا بېرىلىپ،خۇددى بۇ كىچىككىنە ياغاچ توپنى قولدىن چىقىرىپ قويسا جېنىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك،بارلىق كۈچى ۋە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ،ئۆزلىرىنىمۇ،ئاتلىرىنىمۇ ئايىماستىن توپنى قوغلىشاتتى،تالىشاتتى.ئاخىرى چەۋگەننى پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ ھارغاندىن كېيىن ئاكا_ئۇكىلار مەيداندىن چىقىپ،توق سېرىق يىپەك سايىۋەننىڭ ئاستىدا ئاتىسى بىلەن ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشتى.شۇنىڭدىن كېيىن يۈسۈپ تېگىن ئاكا_ئۇكا سۇلايمان بىلەن مۇھەممەدنى چېلىشقا سالدى،مۇھەممەد بىر قېتىملا يىڭەلىدى.يەنە بىردەم ھاردۇق چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئاتىسى ئۇلارنى نەيزە ئېتىشقا سالدى.مۇھەممەدنىڭ ئاتقان نەيزىسى سۇلايماننىڭ نەيزىسى سانجىلىپ تۇرغان يەرگە ئىككى قەدەمچە يىتەلمىدى. _يەنە ئات!_دەپ بۇيرۇق بەردى ئاتىسى. مۇھەممەدنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئاتقان نەيزىسىمۇ سۇلايماننىڭكىگە يەتمىدى. _بولمايدۇ!_دەپ خىتاب قىلدى يۈسۈپ تېگىن،_نەيزىنى شۇنداقمۇ ئاتقان بارمۇ؟سەن نېمە بولدۇڭ،مۇھەممەد؟چېلىشتىمۇ ئۇتالمىدىڭ،نەيزە ئېتىشتىمۇ يىتەلمەيۋاتىسەن؟ مۇھەممەد خىجالەتچىلىكتە يەرگە قاراپ،بوينىنى تولغاپ قويدى_دە: _ئۇ مەندىن چوڭ تۇرسا...،_دەپ غۇدۇڭشىپ قويدى. _نېمە!دېدى يۈسۈپ تېگىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ،_بۇ گەپنى ئۇيالماستىن ئاغىزىڭدىن قانداق چىقاردىڭ؟ئۆزىدىن زورنى،كۈچلۈكنى يەڭمىسە باتۇر بولامدۇ؟ياق،بولمايدۇ!نەيزەڭنى يەنە ئات.قاچانكى نەيزەڭنى سۇلايماننىڭ نەيزىسىنى سانجىلىپ تۇرغان ئاشۇ يەردىن يىراققا چۈشۈرمىسەڭ بۇ يەردىن كەتمەيسەن. مۇھەممەد قارا تەرگە چۆمۈپ بىر نەچچە قېتىم نەيزە ئاتقاندىن كېيىن ئاخىرى سۇلايماننىڭ نەيزىسىدىن سەل يىراققا چۈشۈردى. _ھە،ئەمدى بولدى،_دېگەنىدى يۈسۈپ تېگىن قانائەت ھاسىل قىلىپ،ئاندىن بۇ ئىككى ئوغلىنى يىنىغا تارتىپ،ئۇلارنىڭ يەلكىلىرىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: <<بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق قاتتىق مەشىق قىلىپ،ياخشى چېنىقىڭلار،قەلەمدىمۇ،ئەلەمدىمۇ يېتىشىپ چىققاندىلا ئاندىن بىر_بىرىڭلارغا مۇستەھكەم يۆلەك بولالايسىلەر ۋە شۇنداق بولغاندىلا ھەر قانداق زور ۋە قۇدىرەتلىك رەقىبىنى يىڭەلەيسىلەر،ئۆز قەدىر_قىممىتىنى يوقاتمىغان غالىبلاردىن بولۇپ ياشىيالايسىلەر.>> مۇھەممەد بۇغراخان ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە تەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتكەندەك بولدى.ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ،ياش مۇھەممەد ئەمدى ساقىلىغا ئاق سانجىغان بۇغراخان بولغان كۈنلەردە ئەھۋال قانداق بولۇۋاتىدۇ.سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان بىر_بىرىگە يۆلەك بولالمىدى،ئەكسىچە...ئەپسۇس،ئەپسۇس! يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلالمىدى.<<بۇ گۇناھ زادى كىمدە>>دەپ ئويلايتتى مۇھەممەد بۇغراخان ،<<سۇلايماندىمۇ ياكى مەندىمۇ؟كېيىن يەنە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر؟ئاكا_ئۇكا ئىككەيلەننىڭ ئاداققى تەقدىرىمىز قانداق بولار؟ئاھ،ياراتقان ئاللا ئىگەم،گۇناھكار بەندەڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!>> مۇھەممەد بۇغراخان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى_دە،بېشىنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ،بۇ خىياللارنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى.نېمە ئۈچۈندۇر ئاخىرقى ۋاقىتلاردىن بۇيان،بولۇپمۇ خانلار كېڭىشىدىن كېيىن مۇشۇ خىلدىكى ئەسلىمىلەر ۋە خىياللار مۇھەممەد بۇغراخانغا ئارام بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.ئۇ ھەر قانچە ئويلىماسلىققا ئۇرۇنسىمۇ ،پات_پاتلا بۇ خىل ئازابلىق خىياللار ئۇنىڭ مېڭىسىنى چۇلغىۋالاتتى_دە،كۆڭلى پەرشان بولاتتى. _بوۋا،نېمىنى ئويلاۋاتىسىز؟_دەپ سورىدى مەھمۇد ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزىتىپ. _ھە..ھە،ھېچنىمە...،_دېدى بۇغراخان چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ. ئۇ ئۆپچۆرىسىگە كۆز تاشلىدى ۋە ئاتلىرىنىڭ تەرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چۇلۋۇرلىرىدىن يىتىلىشىپ مېڭىپ ئايلىنىپ يۈرگەن چەۋگەنچىلەرگە قاراپ تۇرۇپ،مەھمۇدقا مۇراجىئەت قىلىدى: _ئۆتكەندە ساچىيە مەدرسىنىڭ تالىپلىرى بىلەن ھەربىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىڭنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە نەيزىۋازلىق ۋە ئوقيا ئېتىشتىكى ماھارىتىڭنى كۆرۈپ خۇرسەن بولغانىدىم.بۈگۈن چەۋەندازلىقتىمۇ تەلەپكە لايىق بولغىنىڭنى كۆردۈم،يارايسەن!خاقانىيىنىڭ مۇناسىپ ئوغلى بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بولۇش كېرەك.ئىلىم_پەننىمۇ ،ھەربىي ئىشلارنىمۇ ئوخشاشلا پۇختا ئىگىلەش كېرەك.بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.ياۋنى يىڭىپ،ئەلنى قوغداشتا ئات مىنىپ،قورال تۇتۇشنى بىلمىسەڭ بولمايدۇ،ئەقىلنى ئىشقا سېلىپ،ئەلنى سوراشتا بىلىمىڭ بولمىسا بولمايدۇ. ; شۇ ئەسنادا بۇغراخاننىڭ خاس قورۇقچىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئاق ئېتىنى يىتىلەپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلدى.بۇغراخان ئېتىنى ئالماي تۇرۇپ،يىقىن ئارىدا تۇرغان يەنە بىر قورۇقچىنىڭ نەيزىسىنى ئالدى_دە،غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ تۇرۇپ كۈچ بىلەن ئاتتى.سىزىپ قويغاندەك تۈپتۈز نەيزە يىراققا ئۇچۇپ بېرىپ يەرگە سانجىلدى.بۇنى كۆرۈپ،مەھمۇدمۇ يەنە بىر قورۇقچىنىڭ نەيزىسىنى ئالدى_دە،شىددەتلىك ئۇچۇپ بېرىپ بۇغراخاننىڭ يەرگە سانجىلىپ تۇرغان نەيزىسىدىن بىر_ئىككى قەدەم يىراققا چۈشتى.بۇغراخان ئۇنىڭ نەيزە ئېتىشنى كۆزەتكەندىن كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئۇنىڭغا قاراپ مەھمۇدمۇ كۈلدى.شۇنىڭدىن كېيىن بۇغراخان يىغىلىپ بولغان قورۇقچى ۋە چەۋگەنچىلەرگە قاراپ: _ئاتلىنىڭلار!_دەپ ۋاقىرىدى_دە،ئۆزىمۇ ئىرغىپ ئېتىغا مىندى. ئاتلىقلار رەتلىك تىزىلىپ،سەپ بويىچە ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ يولغا چۈشتى.بۈگۈن مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ روھىي كەيپىياتى باشقىچىلا كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.ئۇنىڭ يەنىلا جىم ماڭغۇسى كەلمىدى. _ھەي يىگىت،قولۇڭدىكىنى ماڭا بەرگىنە،_دەپ ۋاقىرىدى ئۇ چەۋگەن توپنى قولىغا ئېلىپ كېلۋاتقان بىر چەۋگەنچى چېرىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ. ياش چېرىك ئېتىنىڭ يورغىسىنى تېزلىتىپ،ئۇنىڭغا يانداشتى ۋە توپ بىلەن ئەگرى تاياقنى سۇنۇپ بەردى. :` _مەھمۇد،مانا بۇ توپنى تۇتۇۋالامسەن؟_دەپ يەنە ۋاقىرىدى بۇغراخان ۋە چەۋگەن توپنى يەرگە تاشلاپ،ئەگرى تاياق بىلەن قاتتىق ئۇردى.توپ ھاۋاغا قاڭقىپ چىقىپ،يىراققا دومىلاپ كەتتى.مەھمۇد ئېتىنى چاپتۇرۇپ بېرىپ ئەمدىلا قولىنى پەسكە ئۇزىتاي دەپ تۇرۇشىغا سوڭدىشىپ يىتىپ كەلگەن بۇغراخان توپنى ئۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە مەھمۇد بوراندەك ئۇچۇپ باردى_دە، سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي تۇرۇپ،ئىگەر ئۈستىدىن چەبدەسلىك تۇرۇپ،ئىگەر ئۈستىدىن چەبدەستلىك بىلەن يانغا ئېگىلىپ،ئانارچىلىك ياغاچ توپنى بارماقلىرى بىلەن چىڭ قىسىپ تۇتۇپ ئېلىۋالدى.قىزىپ كەتكەن يۇلتۇز قاشقىلىق قارا ئارغىماق مەھمۇدنىڭ تىزگىن تارتىشىغا بوي بەرمەي تۇياقلىرى ئاستىدىن چاڭ توزوتۇپ يەنە خېلى ئۇزاققىچە چېپىپ كەتتى. مۇھەممەد بۇغراخان ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ،شادلىق تۇيغۇسى سىڭگەن جاراڭلىق ئاۋازدا كۈلۈپ كەتتى. _ھەي مەھمۇد،ھەي مەھمۇد!_دەپ خىتاپ قىلدى ئۇ،_مۇدەررس بولىمەن دېگەن گېپىڭنى تاشلا.سەن ۋەزىر بولىسەن،ۋەزىر بولمىساڭ سۇ باشى بولىسەن،سۇ باشى بۇغراخان خوشاللىق ئىچىدە نەۋرسىدىن زوقلىنىپ يەنە كۈلۈپ كەتتى.ئۇنىڭغىچە مەھمۇد ئېتىنى تىزگىنلەپ ساقالسىز مەڭزىلىرى خۇددى تاڭ شەپىقىدەك قىزىپ كەتكەن،يوغان قوي كۆزلىرى شوخ چاقناپ تۇرغان ھالدا قايتىپ كەلدى.ۋە بوۋىسىغا قوشۇلۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئاندىن ھەر ئىككىسى سەپكە قوشۇلدى.ئاتلىقلار ئاتلىرىنى گاھ چاپتۇرۇپ،گاھ يورغىلىتىپ،كەلگەن يولى بىلەن ئوپال قاپۇغىغا قايتىشتى. ئانا تىلغا مۇھەببەت مەھمۇد قاپۇغ باشى ۋە مىڭدەك چېرىكنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوپال تەۋەسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ،ئۆزىنىڭ بارسىغان شەھىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئاتىسى ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن بىلەن ئانىسى بۇبى رابىيە ئالتۇن تارىمنى قارشى ئالدى. بۇغرا تېگىن ۋە ئۇنى قورۇقداپ كېلىۋاتقان تۆت مىڭ ئاتلىق چېرىكنىڭ قارىسى يىراقتىن كۆرۈنۈشى بىلەنلا مەھمۇد ۋە قاپۇغ باشى ئاتلىرىدىن چۈشۈپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا مېڭىپ باردى.يىقىن كەلگەندىن بۇغرا تېگىنمۇ ئاتتىن چۈشتى. باھادىرلارچە قابىل كەلگەن ۋە جەڭگە كېتىۋاتقان سانغۇندەك يىنىك ھەربىيچە كىيىنىپ،يىشىل سەللە ئورىغان،قاپقارا قىرقىما ساقاللىق ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ئوغلى مەھمۇدنى باغرىغا باستى. _قارىغىنا بۇنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكىنىنى!_دەيتتى ئۇ شاد_خۇراملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ،_بوي_بەستى راسا قاملاشقان ئەزىمەت بوپتۇ،چىراي_تۇرقىمۇ بەئەينى ئاتىسىنى تارتىپتۇ. بۇغرا تېگىن مەھمۇدنىڭ يەلكىسىگە ئۆزىنىڭ قۇۋۋەتلىك قولى بىلەن شاپىلاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. شۇ ئارىدا ئىككى دېدەك قىزنىڭ سۇنۇلغان قوللىرىغا تايىنىپ،قىزىل تاۋار سايىۋەنلىك ھارۋىدىن چۈشكەن بۇيى رابىيە ئالتۇن تارىم ئۇزۇن ئېتەكلىرىنى كۆتۈرۈپرەك،خوشاللىقىدىن ئۈن سېلىپ يىغلىغان پېتى ئوغلى تەرەپكە ئېتىلدى.مەھمۇد ئاتىسىنىڭ قۇچىقىدىن بوشىنىپ،ئانىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى. _جېنىم بالام مەھمۇد،_دەيتتى بۇبى رابىيە ئېسەدەپ تۇرۇپ ۋە ئوغلىنىڭ ماڭلىيىغا سۆيۈپ،_تىنىچ تۇردۇڭمۇ!سېنىمۇ كۆرىدىغان كۈنۈم بولىدىكەن.... ئۇ ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن مەھمۇدقا قارايتتى ۋە يەنە يىنىشلاپ ئۇنىڭغا يېپىشاتتى. مەھمۇد بولسا،ھاياجانلانغان ھالدا: _خۇش كېلىپسىز،ئاتا!خۇش كېلىپسىز ئانا!_دەيتتى ۋە بىر تەرەپتىن ئاتا_ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن خوشال بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئانىسىنىڭ ئۇنى خۇددى گۆدەك بالىنى پەپىلگەندەك ئەركىلىتشلىرىدىن ئوڭايسىزلىنىپ،كۆزلىرى چىمچىقلىتىپ،نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇراتتى. ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن قاپۇغ باشى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن يۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى. ..) _بولدى،رابىيە،_دېدى ئۇ كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا چاقچاق قىلىپ،_بۇ ئۇچۇرۇم بولمىغان كىچىك قۇشۇڭنى ئەمدى ئۆيگە بارغاندىن كېيىن قانىتىنىڭ ئاستىغا بېسىۋالغىن. <<ئۇنىڭ خۇلقى_مىجەزى قىلچىمۇ ئۆزگەرمەپتۇ>>دەپ ئويلىدى مەھمۇد بويلۇق جەدە ئاتقا ئەپچىلىك بىلەن مىنىۋالغان ئاتىسىغا قاراپ،_بوۋامغا زادى ئوخشىمايدۇ.بوۋام_ئېغىر_بېسىق،چىايى سۈرلۈك.ئاتام بولسا،تېتىك،خۇش چاقچاق،ئوچۇق چىراي.>> شۇنىڭ بىلەن،بارىسىغانلىق ۋە ئوپاللىق چەۋەندازلار بىرلىكتە ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ ئازىق قەلئەسىگە،يەنى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ قاپۇغىغا يىتىپ كېلىشتى.قەلئە سېپىلنىڭ قاراتۆمۈر بىلەن قاپلانغان قوش قاناتلىق يوغان دەرۋازىسى كەڭ ئېچىلىدى .ئاتلىقلار قەلئە ئىچىگە كىرىشتى.بۇغرا تېگىن،بۇبى رابىيە ۋە مەھمۇد قاپۇغ باشىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئىچكىرىكى ھويلىغا ئۆتۈشتى. ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئاتىسىنى كۆرۈپ دەرھال ئالدىغا باردى_دە،تىز پۈكۈپ،ئۇنىڭ پېشىنى سۆيدى.ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەردى: _قۇت بولسۇن،بۇغران ئاتا! بۇبى رابىيەمۇ يىقىن كەلدى ۋە ئئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چوڭقۇر ئىگىلىدى. _قۇت بولسۇن،خان ئاتا! _قۇت بولسۇن!_دەپ جاۋاپ قايتۇردى ئۇلارغا مۇھەممەد بۇغراخان ،_ئۆيگە كىرەيلى. ئۇلار ئۆيگە كىرىشتى.غىزالىنىپ،ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۋالغاندىن كېيىن مۇھەممەد بۇغراخفن بىلەن ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن باغقا چىقىپ،گۈلزارلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئويما نەقىشلىك راۋاقتا گىلەم ئۈستىگە قويۇلغان مامۇق ياستۇقلارغا يۆلىنىپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇشتى.شۇ ئەسنادا بۇغراخاننىڭ خاس مەرىمى،ساچىيە مەدرسىنىڭ باش مۇدەررىسى ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپىنىڭ سالامغا كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدى. - كىرسۇن،_دەپ ئىجازەت بەرى بۇغراخان . ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا بىلىم ئىززەتلەيتتى،شۇ ۋەجىدىن بۇ ھۆرمەتلىك مۇدەرررىس ئازىق قەلئەسىگە پات_پات قەدەم تەشىرىپ قىلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئاتىسى شاملىق ئەرەپ مۆتىۋەر،ئانىسى قەشقەر گۈلباغلىق بەگ قىزى بولۇپ،خاقانىيىدىمۇ ۋە شام،باغدادلاردىكى ئەرەپ ئۆلىمالىرى ئىچىدىمۇ بەلگىلىك نوپۇزى بار ئىدى.بېشىغا مۇدەررىسىلىك ئاق سەللىسىنى ئورىغان ئۇچىسىغا ئۇزۇن ئاق پەرىجە،پۇتلىرىغا يۇمشاق مەسە كېيىگەن چار ساقاللىق،قۇش بۇرۇن ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپنى راۋاققا مەھمۇد باشلاپ كەلدى.مۇددەرىس راۋاقنىڭ پەلەمپىيى ئالدىغا كەلگەندە بىر قېتىم تەزىم قىلدى،راۋاققا چىققاندىن كېيىن يەنە ئېگىلدى ۋە ئوردىنىڭ ئەدەپ_قائىدىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا قول قوشتۇرۇپ سالام بەردى: _ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئاللانىڭ ئەزىز بەندىسى مۆمىنلەرنىڭ پاسىبانى شاھى ئېھىرام مۇھەممەد بۇغراخان ھەزرەتلىرى ،ئەسسالامۇئەلەيكۇم،سائادەتلىك ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن! مۇھەممەد بۇغراخان بۇ مۇدەررسىنىڭ <<قۇت بولسۇن>>دېگەننىڭ ئورنىغا ھەمىشە <<ئەسسالامۇئەلەيكۇم>>دېگەن ئەرەپچە ئىبارىنى ئىشلىتىشگە تېخىچە كۆنەلمەي يۈرەتتى ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىي قەبىللەرنىڭ تىلىدىكى <<خاقان>>ياكى<<خان>>دېگەننىڭ ئورنىغا <<شاھى ئېھرام>>دېگەن پارسچە نام بىلەن ئاتىشىنى ياقتۇرمايتتى.شۇنداقتىمۇ،بۇ ئاتاقلىق ئالىمغا بولغان ئىخلاسمەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا قائىدە_يوسۇنلۇق مۇئامىلە قىلىپ،كۆڭلىدىكى بۇ كىچىككىنە نارازىلىقىنى بىلدۈرمەيتتى. _قۇت بولسۇن،مۆھتەرەم شەيخ ئىمام ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ ھەزرىتىم ،،مەرھەممەت قىلغايسىز،_دېدى مۇھەممەد بۇغراخان. _پېقىر تېخى بايىلا ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن جانابلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ،دىدار كۆرۈشمەك ئىستىكى بىلەن سالام بېرىشكە ئالدىراپ كەلدىم،_دېدى ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ گىلەمگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ. _سىز ئوپالدا تۇرۋاتقانمىدىڭىز ،شەيخ ئىمام!_دەپ سورىدى ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن ھال_ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن. _شۇنداق،_دېدى مۇدەررىس ،_ھازىر ساچىيە مەدرىسىدىكى تالىپلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇش باشلانغۇچە ئوپالدىكى بېغىمدا بىر مەزگىل تۇرۇپ،دەم ئالاي دەپ كەلگەنىدىم . بۇغراخاننىڭ ئائىلە قۇللىرىدىن ئىككسى كۈمۈش تاۋاقلاردا ئۈزۈم،شاپتۇل ۋە ئەنجۈرلەرنى ئەكېلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.راۋاقتىكىلەر مېۋىلەرگە ئېغىز تەگكەچ ئۇياق_بۇياقتىن پاراڭ سېلىشتى.ئاندىن ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن مەھمۇدنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردى. _مەھمۇد ساچىيە مەدرىسى بويىچە تالىپلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ،_دەپ جاۋاپ بەردى.مۇدەررىس،_ئۇ ھەممە پەنلەرنىڭ ھېكىمەتلىرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆزلەشتۈردى،بولۇپمۇ مېنى بەك خوشال قىلىدىغىنى،ئۇ ئەرەپ تىلىدا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلاكامالەتكە يەتتى.مەنمۇ مەھمۇدقا دائىم جېكىلەپ تۇرىمەن،ئەرەپ تىلىنى ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم...  _تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشمۇ مۇھىم،_شۇ چاغىقىچە بىر چەتتە جىم ئولتۇرغان مەھمۇد سەل تارتىنىپراق بوشقىنا ئاۋازدا سۆز قىستۇردى،_ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇ بىزنىڭ ئانا تىلىمىز_دە... ھۈسەيىن ئىبىىن خەلەپ ئۆز سۆزىنىڭ بۇنداق ئۇشتۇمتۇت بۆلۈۋېتىلىشىنى كۈتمىگەن بولغاچقا،شاگىرتىغا تەئەججۈپ ئارىلاش نەزىرى بىلەن قارىدى.مۇھەممەد بۇغراخان خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك قارىدى.مۇھەممەد بۇغراخان خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك ئاۋۋالقىدەكلا قوشۇمىسىىنى تۈرۈپ ئۈنچىقماستىن ئولتۇراتتى.ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن بولسا،ئوغلىغا زوق ۋە ھېرىسمەنلىك بىلەن قاراپ قويدى. _ئەپۇ قىلغايسىز،ھۆرمەتلىك ئۇستازىم ،_دېى مەھمۇد بىردەمدىن كېيىن ئوڭايسىزلانغان ۋە گۇناھىنى بوينىغا ئالغان قىياپەتتە،_مەن ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويدۇم. _ھېچ گەپ ئەمەس ،مەھمۇد ،ھېچ گەپ ئەمەس،_دېدى مۇدەررىس ،_مەن شاگىرتلارنىڭ مۇشۇنداق دادىل بولۇشنى ياقتۇرىمەن.سەن ھەمىشە ئىلىم_مەرىپەت،بولۇپمۇ تىل ۋە تارىختىن گەپ ئېچىلسا ئۆزۈڭنى بېسىۋالالماي قالىسەن.مەن بۇنى بىلىمەنغۇ.بۇ سېنىڭ ئىلىمگە بولغان ھەۋسىڭنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن مۇەررىس بۇغراخان بىلەن بۇغرا تېگىنگە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدى: , _ھەر كىم ھەر خىل پەنلەرگە قىزىقىشى مۇمكىن،ئەلۋەتتە،مەھمۇد تىل،تارىخ ۋە ئەدەبىياتقا ئالاھىدە ھەۋەس قىلىدۇ.مانا ئەمدى تىل ئىلمى ساھەسىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارشى شەكىللىنىشكە باشلاۋاتىدۇ.بىلىشىمچە،ئۇ بۇ ساھەگە ئائىت بىر مۇنچە كىتابلارنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىپ ئوقۇپتۇ.بۇ ھەقتە مەن بىلەنمۇ بىزنەچچە قېتىم پىكىرلەشتى.ئۇ ھەمىشە تۈركىي تىل شىۋىلىرىىڭ قانۇنىيەتلىرىنى شەرھلەيدىغان مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەرنىڭ دۇنياغا كەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.ئۇ ھامان:تۈركىي تىل ئەرەب تىلدىن قېلىشمايدۇ،دېگەن نۇقتىئينەزەردە چىڭ تۇرىدۇ.بۇ ھەقتە ئۆتكەندە مەن بىلەن بىر قېتىم خېلى قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.بىر قىسىم تالىپلارنىڭ ئاغىزىنى كوچىلاپمۇ بىرەر ئىلمىي ئەھمىيىتى بار سۆزنى چىقارغىلى بولمايدۇ.بۇ جەھەتتە مەھمۇد پۈتۈنلەي ئۆزگىچە.<<بولداچى بۇزاغۇ ئۆكۈز ئارا بەلگىلىك>>دېگەندەك ،ھەمىشە كىتابنىڭلا گېپىنى قىلىدۇ.بۇنداق گەپلەرنى قىلىشقاندا ھەتتا بايىقىدەك ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالىدۇ. ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ ئاخىرقى سۆزلىرىنى كۈلۈپ تۇرۇپ تاماملىدى. _ھىم ،ياخشى گەپ ،_دېدى ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن ۋە ئوغلىغا كۆزلىرىنى قىسىپراق تىكلىپ قارىدى،_ماڭا قارىغىنا،مەھمۇد،سەن راستىنلا شۇنداق بىلىملىك موللا بولۇپ كەتتىڭمۇ_ھە؟بۇغراخان ئاتاممۇ بارسىغان شەھىرىگە يازغان كەكتۇبلىرىدا سېنى مۇشۇنداق دەپ ماختايتتى.بۈگۈن ئۇستازىڭ شەيخ ئىمام ھۈسەيىن ھەزرەتمۇ تەرىپڭنى قىلدى.شۇڭا،كىتابتىن ئالغان بىلىملىرىڭگە قايىل بولماي ئىلاجىم يوق.ئەمما،سېنى ھەربىي ئىشلارغا دائىر نېملەرنى ئۆگەنگىنڭنى تېخى ھېچكىم ماڭا ئېيتىمىدى.قولۇڭدا تىغ توختامدۇ_ھە؟گەپ قىلمايسەنغۇ! مەھمۇدنىڭ ئاتىسىغا نېمىدەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلمەي تەڭلىكتە قالغانلىقىنى كۆرۈپ،ھۈسەيىن ئىبىن خەلەپ سۆزگە ئارىلاشىتى: _ساچىيە مەدررىسىدە خاقانىيە بويىچە ئەڭ خىللانغان مەشقاۋۇللار تالىپلارغا ھەربىي ئىشلاردىن تەلىم بېرىدۇ،سائادەتلىك بۇغرا تېگىن.مەھمۇد خۇددى باشقا تالىپلارغا ئوخشاش ناماز پەرزىنى ئادا قىلىش يىشىغا تولغاندىن تارتىپلا ياراغ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ ئۆسكەن تۇرسا،ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماھارىتىدىنمۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ_دە. ھۈسەيىن بۇغرا تېـگىننىڭ قاۋۇل گەۋدىسى ئاستا قوزغالدى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: _قېنى ئورنۇڭدىن تۇر!_دېدى ئۇ مەھمۇدقا بۇيرۇق تەلەپپۇزى بىلەن،_قانچىلىك ئادەم بولغىنىڭنى ئۆزۈم بىر سىناپ باقاي. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىلىچۋازلىققا چۈشۈپ كەتتى.بۇبى رابىيە كەسكىن ئېلىشۋاتقان ئاتا_بالا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى ،بىراق راۋاقتا ئولتۇرغان بۇغراخان بىلەن مۇدەررىستىن ئەيمىنىپ توختاپ قالدى .بۇغراخان خۇددى ھېچ بولمىغاندەك قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا قىلىچۋازلىقنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى.مۇدەررىس بولسا ،ئىنتايىن قىزىققان سىياقتا كۆز تىكىپ،بۇ ماھارەت كۆرسىتىشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىدى. بۇبى رابىيە ئۆزىنى ئىككى ياندىن قولتۇقلىۋېلىشقان دېدەكلەرنىڭ قوللىرىنى چىڭ قىسقان ھالدا ئىلاجىسىزلىقتا ئۈنسىز ئاھ ئۇرۇپ قاراپ تۇردى.<<يائاللا،كونا خۇينى تېخىچە تاشلىماپتۇ>>دەپ ئويلىدى ئۇ ئېرىگەخاپا بولۇپ،بۇنىڭدىن نەچچ يىللار ئىلگىرى مەھمۇد تېخى گۆدەك چاغلىرىدىمۇ ھۈسەيىن مانا مۇشۇنداق قىلاتتى.ئامراقلىقى كېلىپ كەتسە ئوغلىنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىشنىڭ ئورنىغا ھە دېسىلا قىلىچۋازلىق ياكى چېلىشىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپ ،ئۆزىمۇ كىچىك بالىدەك قىزىپ كېتەتتى.توغرا،بۇنداق چاغلاردا بۇبى رابىيەئۆزىمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كېتەتتى.ئۇ ئوغلى مەھمۇدنىڭ ياراغ ئىشلىتىش ماھارىتىنى پۇختا ئىگلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىپ رىغبەتلەندۈرەتتى،ھەتتا ئۆزىمۇ قولىغا قىلىچ ئېلىپ ئۈلگە كۆرسىتەتتى.ئەجەبا،ئەمدى ئۇ ھازىر نېمە ئۈچۈن يىغلامسىراپ ئاھ ئۇرىدۇ،نېمەئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرىكى قەپەسكە سولانغان تورغايدەك تەشۋىشلىك تىپىرلاپ،قاتتىق سوقۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ئۇزۇندىن بېرى ئوغلىنى كۆرمىگەچكە شۇنداقمۇ؟ياكى پەرزەنتى چوڭ بولغانسېرى ئۆزىمۇ ياشىنىشقا باشلىغانسېرى ئانا قەلبى نازۇكلىشىپ كېتەمدۇ؟ئاھ ئانا!ئاھ ئانا مېھرى!<<توۋا،ماڭا نېمە بولدى>>دەپ ئويلىدى بۇبى رابىيە ئۆز_ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ،<<بۇنداق تىغ_ياراغلار بىلەن ھەپىلىشىش ئويۇنلىرى خان جەمەتى ئىچىدە ۋە ئومۇمەن پۈتۈن خاقانىيىدە ئادەتتىكى ئىشقۇ.>> بۇغرا تېگىن بىلەن مەھمۇدنىڭ قىلىچلىرى خۇددى ئەينەكتەك ۋالىلداپ،بىر_بىرىگە شىددەتلىك ئۇرۇلماقتا ئىدى.مەھمۇدنىڭ قىلىچ ئوينىتىشى كۆرۈنەرلىك سۇسلىشىشقا باشلىدى.ئاخىرى بۇغرا تېگىننىڭ كۈچلۈك زەربىسى مەھمۇدنىڭ قولىدىن قىلىچىنى ئۇچۇرۇپ چىقىرۋەتتى.ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن تەمكىنلىك بىلەن قىلىچىنى قىنىغا سالدى.R _تېخى بىلىكىڭ قاتماپتۇ،_دېدى ئۇ ئوغلىغا،لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يەنىلا قايىل بولغانلىق ئالامىتى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. _كېرەك يوق،ئۇ تېخى كىچىك،_دېدى بۇغراخان ئۇلارنىڭ يىنىغا كېلىپ،_تەڭرى خالىسا،يەنە ئىككى _ئۈچ يىللاردىن كېيىن ئۇستىخىنى قېتىپ ياخشى قىلچۋاز بولۇپ چىقىدۇ. بۇغرا تېگىن ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ كۈلۈمسىرىدى ۋە ئوغلىنىڭ يەلكىسىگە ئۇرۇپ قويدى. _ھەرىكىتىڭ چاققان،قىلىچۋازلىق ماھارىتىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپسەن. بۇبى رابىيە بۇغراخاندىن تەپ تارتىپ گەپ قىلىمىغان بولسىمۇ ،كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى ۋە ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمىسىرىدى _دە،دېدەكلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ھۇجىرسىغا قايتىپ كىرىپ كەتتى
تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قۇيۇڭ !
خەۋەر مەنبەسى :
[ قوش چەكسىڭىز ئىكران سۈرۈلىدۇ ]  [ دوستقا يوللاش ] [ ساقلاش ] [ بىسىپ چىقىرىش ]   [ تاقاش ] [ خەت : چوڭ ئوتتۇرا كىچىك

ئالدىنقى : مەلىكە  ئاماننىساخان  ھەققىدە
كىيىنكى : يوق .
 كۆپ كۈرۈلگەن تېمىلار
 تۈركىيەدە ئوقۇش ئەڭ خاتا ..
ھىندىستانلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ..
نۇر بەكرى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ..
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تو ..
‹‹قوش تىل›› مائارىپىدا ئوقۇتقۇ ..
قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئ ..
قەشقەر شەھىرىدىكى 76 مىڭدىن كۆ ..
مەكتەپ پۈتكۈزگەن شۇنچە كۆپ ستۇ ..
دۆلەتنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن››خىزم ..
دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى ..
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3 مىليو ..
قوش تىللىق ئوقۇتۇش ۋە بىز ..
ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يې ..
باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئو ..
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تۆت تۈ ..
لاياقەتلىك سىنىپ مۇدىرى بولۇش ..
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەھمىيەت ..
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى ..
مائارىپ ساھەسىدە جازالاش ئۆلچى ..
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىلل ..
  دوستانە ئۇلىنىشلار
بىكەت قۇرغۇچى
ئالاقىلىشىڭ
ئېلان بىرىڭ
قوللىغۇچىلار
سەھىپىللىرىمىز
شان شەرەپلەر
ئەپچىلەم توغرىسىدا
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! ئەزىزقېرىنداشلار ، ئەپچىلەم تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز ! بىزنىڭ نىشانىمىز تورداشلارنىڭ مەنىۋي دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتىش !
بۇ تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەپچىلەم تور تېخنىكا گۇرپىسىغا مەنسۇپ
新ICP备10000532号 ;   QQ:4067061 QQTOP:13513886 Tel:13999434011 13699304562
ICP Apqilam 110