مۇھەممەد ئەلەيھىسالام
MUHAMMAD)
(مىلادىيە 570 - 632 )

ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى-مەككە. شەھەر مەركىزىدىكى كەئبەگە قاراتاش جايلاشقان.
مېنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى دۇنيا تارىخىدىكى 100 مەشھۇر كىشىنىڭ بىرىنچىسى قىلىپ تىزىشىمدىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ھەيران ھەيران قېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قارىشى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دۇنيا تارىخىدا دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخىس.
تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىنلارنىڭ بىرى-ئىسلام دىنىنىيرىتىپ ۋە تارقىتىپ، ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي داھىيغا ئايلاندى. ئۇ ئالامدىن ئۆتۈپ 13 ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا شۇنداق زور بولماقتا.
مەن بۇ كىتابقا تاللاپ كىرگۈزگەن شەخىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە، قويۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. ئۇ مىلادىيە 570 -يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مەككىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئۇ چاغلاردا بۇ جاي سودا، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن يىراق، ئارقىدا قالغان رايون ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئالتە ياش چېغىدا قارا يېتىم بولۇپ قالغان. ئۇ ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ساۋاتسىز ئىكەن، 25ياشقا كىرگەن يىلى بىر باي سودىگەردىن تۇل قالغان خەدىچە بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغان، 40ياشقا كەلگەندە، ھەرخىل بىشارەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئەرەبلەر ئەنئەنىۋى قەبىلە ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلاتتى، لېكىن مەككىدە ئاز ساندىكى كىشلەر يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئەتىمالىم بۇ ئىككى خىل دىننىي ئەقىدىدىن ئالەمنى ئىدارە قىلىدىغان ھەممىگە قادىر بىرلا ئاللانىڭ بارلىقىنى چۈشەندى بولغاني، 40 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئاللانىڭ ئۇنى بۇ دۇنياغا دىن تارقاتسۇن دەپ، روسۇل يەنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دەشلەپكى ئۈچ يىل ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە ئەل ئاغىنىلىرى ئارىسىدا يېڭى دىننى تەرغىب قىلدى، مىلادىيە 613 -يىلى دىننى تەرغىب قىلىشنى ئاشكارا ئېلىپ باردى. شۇنداق قىلىپ، بىر قىسىم كىشلەر ئۇنىڭغا مۇرت بولدى. مەككىدىكى قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىرخىل تەھدىت دەپ قارىدى، شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ھەر جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. مىلادىيە 622 -يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككىدىن 200 كىلومېتر يىراقلىقتىكى مەدىنىگە مەجبۇرىي كۆچۈپ كەتتى ھەمدە ئۇ يەردە دىننىي ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
ئىسلام دىنىدا بۇ تارىخىي ۋەقە ھىجرەت دەپ ئاتالدى، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. مەككىدىكى چېغىدا، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئاز ئىدى. مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىمۇ تەرەققىي قىلىپ يېتىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ساھابىلەر ۋەمۇرىتلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، مەككىدىكى مۇشرىكلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلدى. ئاخىر مىلادىيە 630 - يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، مەككىگە كىردى، مەككىدىكى مۇشرىكلار ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ كاتتا نوپۇزىنى ئېتراپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئىككى يىل ئىچىدە، كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. 632 -يىلى پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندا، پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلى ئومۇمەن بىرلىككە كېلىپ بولغانىدى.
ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بەدەۋىلەر باتۇر ھەم جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان خەلق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار شىمال تەرەپتىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەرنىڭ رەقىبى بولالمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاللانىڭ بەرھەقلىكىگە ئىشەندۈردى. شۇڭا سانى ئاز بولغان مۇسۇلمانلار قوشۇنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارالىدى. ساسانىلار دەۋرىدىكى پېرسىيە ئېمپىرىيىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتىن مۇسۇلمان قوشۇنى ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيتتى. لېكىن مۇسۇلمان قوشۇنى جەڭلەردە كارامەت باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، مېسوپوتامىيە، سۈرىيە ۋە پەلەستىنلارنى بېسىقتۇردى، مىلادىيە 642 -يىلى مىسىرنى ۋىزانتىيە ئىمپىيىرىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلدى ھەمدە 637 -يىلىدىكى كادىسىيە ئۇرۇشى ۋە 642 -يىلدىكى نىنىۋى ئۇرۇشلىرىدا پېرسىيە قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى.
بۇ ھالقىلىق غەلبىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرى ھەم ۋارىسى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەربىن خەتتابتىن ئىبارەت ئىككى خەلىپە دەۋرىدە قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئەرەبلەرنىڭ غازاتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيتتى. 711 -يىلى ئەرەب قوشۇنلىرى شىمالىي ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بېسىپ كەلدى، كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيەنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.
ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىسلام قوشۇنلىرى پۈتكۈل خىرىستىئان دىنى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ياۋروپانى ئىگىلەپ كېتىدىغاندەكلا تۇراتتى. بىراق 732 -يىلى فرانسىيەنىڭ مەركىزىگىچە بېسىپ كەلگەن مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تۇر ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولدى. شۇنداقتىمۇ بەدەۋىلەر ئۆز زېمىنىنى شەرقتە ھىندىستان چېگرىسىدىن تارتىپ، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كېڭەيتتى، بۇ ھازىرغا قەدەر بولغان تارىختىكى ئەڭ زور ئېمپىرىيە ئىدى. ئىسلام قوشۇنلىرى بارغانلىكى يېرىدە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى.
ئەرەبلەر ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان زېمىندا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. پارسلار ئىسلام دىنىغا چىن ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن ئېگىلىۋېلىنغان يەرلىرىنى تارتىۋالدى، ئەرەبلەر ئىسپانىيەدە يەتتە ئەسىر ئۇرۇش قىلغانىدى، لېكىن كېيىن خرىستىئان دىني پۈتكۈل يېرىم ئارالغا قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى، لېكىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بولغان مېسوپوتامىيە ۋە مسىردىن ئىبارەت ئىككى جاي يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋەردى. شىمالىي ئافرىقىمۇ شۇنداق بولدى. بۇ يېڭى دىن كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب ئېمپىرىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىتىپ، ياراق يىراقلارغا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. ھازىر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدىكى رايونلارغىچە كېڭىيىپ، نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى. ئىسلام دىنى ھېندىنوزىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئەمما، ھىندىستاندا مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسدا ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىتتىپاقسىزلىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.
ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. باشقا دىنلارمۇ شۇنداق. شۇڭلاشقا دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ دىنلارنى بەرپا قىلغۇچىلار بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلدى. خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ سانى مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، يەنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى بولسا ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ خرىستىئان دىنىدىكى رولىدىن چوڭ بولدى. ئىسا ئەلەيھىسالام گەرچە خرىستىئان دىنىنىڭ ئەركەن-ئەھكاملىرىغا ئاساس سالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەۋارىيون پائۇل خىرىستىئان دىنىنىڭ دىننىي ئەقىدىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، > يېڭى ئەھدە < دىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى يېزىپ چىققانىدۇق.
مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە، ئەھكاملىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىي مىزىنلىرىغا ئاساس سالغان كىشى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. قۇرئان كەرىم پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان. قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرى توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھايات ۋاقتىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى ئىنىق خاتىرلەنگەن. ئەمما خرىستىئان دىنىدا، ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ئىنىق خاتىرلەنگەن بىرەر كىتاب يوق. ئىنجىل خىرىستىئان مۇرىتلىرىغا مۇھىم بولغىنىدەك، قۇرئان كەرىممۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى تارقاتقان. ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىسا ئەلەيھىسالام بىلەن ھەۋارىيۇن پائۇلدىن ئىبارەت ئىككى ئادەمنىڭ خرىستىئان دىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. دىنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن رولى ھېچبولمىغاندا ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭكىدەك غايەت زور، ئەلۋەتتە.
مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىسا ئەلەيھىسالام بىلەن يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي داھىي، ئۇ قۇشۇن باشلاپ نۇرغۇن ئۇرۇش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سىياسىي زاتلارنىڭ بىرى.
تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، كىشلەر ئېھتىمال بۇنداق ئالاھىدە شەخىسلەر بولمىسىمۇ، ئىنسانىيەت ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋېرەتتى، مۇبادا سىمون بولىۋاردەك ئادەم چىقمىغان بولسىمۇ، جەنۇبىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولالايتتى، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ گەپنى ئەرەبلەرنىڭ غازاتىغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. مۇبادا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بولمىغان بولسا، غازات مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. ئېيتايلۇق، 13 -ئەسىردىكى مۇڭغۇللار ئۇرۇشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى، بۇ ئۇرۇشقا چىڭگىزخان رەھبەرلىك قىلغان، گەرچە ئۇ ئىستېلا قىلغان رايونلار ئەرەبلەرنىڭكىدەك كەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاخىر مۇڭغۇللارغا تەۋە رايون چىڭگىزخان كېڭەيمىچىلىك قىلشتىن بۇرۇنقى زېمىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.
ئەرەبلەرنىڭ غازات ئۇرۇشى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئىراقتىن ئەلمەغرىبكىچە باستۇرۇپ بېرىپ، بۇ كەڭ زېمىننى بىر تۇتاش ئەرەبلەر دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ئۇلار بۇ يەرلەرنى پەقەت ئىسلام دىنى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىنمۇ بىرلىككە كەلتۈردى. ئەرەبلەر قۇرئان كەرىمگە ئېتىقاد قىلدۇ، بۇ خىل تەۋرەنمەس ئېتىقاد ئەرەب تىلىنى ساقلاپ قالدى، ئەرەبلەرنى ھەرخىل يەرلىك شېۋىنىڭ مۇداخىلىسىدىن ئازاد قىلدى. دەرۋەقە، ئەرەب دۆلەتلىرىدە يەنىلا بىر مۇنچە پەرق ۋە ئىختىلاپلار مەۋجۇت، لېكىن بۇ ئەرەب دۇنياسىنىڭ مەزمۇت ھەم مۇستەھكەم ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. مەسىلەن، 1973 -، 1974 -يىللىرى ئىران ۋە ھىندونىزىيەدىن ئىبارەت نىفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى دۆلەت بىلەن بەزى ئىسلام ئەللىرى غەرب ئەللىرىگە نېفىت ئىكىسپورت قىلىشنى چەكلەش ھەرىكىتىگە قاتناشمىدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى، پەقەت ئەرەب دۆلەتلىرىلا شۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشتى.
ناھايىتى روشەنكى، 7 -ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ غازات ئۇرۇشى تاكى ھازىرغىچە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، ئىسلام دۇنياسىدا دىن بىلەن جەمىئىيەت ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر زىچ باغلىنىشنىڭ بولۇشى مېنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور شەخىس ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىىشەندۈردى.
مەنبە 100 مەشھۇر شەخس دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.